مۇھىم خەۋەرلەر

پۇتىن خەلقئارا تېررورلۇق يەنىلا 21-ئەسىردىكى ئەڭ ئېغىر خەۋپسىزلىك تەھدىتلىرىنىڭ بىرى، دېدى

2024.04.26 23:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن 4-ئاينىڭ 24-كۈنى خەلقئارا تېررورلۇق يەنىلا 21-ئەسىردىكى ئەڭ ئېغىر بىخەتەرلىك تەھدىتىنىڭ بىرى، دېدى.

  پۇتىن شۇ كۈنى 12-نۆۋەتلىك خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ئالى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى خەلقئارا يىغىنىغا سىنلىق سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ مەقسىتى ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، ئاساسىي قانۇن ئاساسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ۋە دىنلار ئارىسىدىكى ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش. بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ ئارقىسىدا ئەسەبىي تەشكىلاتلار بولۇپلا قالماستىن يەنە قىسمەن دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىمۇ بار.

  پۇتىن مۇنداق دېدى: تېررورچىلارنىڭ ۋاسىتىسى بارغانسېرى مۇرەككەپلىشىپ ۋە ياۋايىلىشىپ كەتتى، 3-ئاينىڭ 22-كۈنى موسكۋا شەھەر ئەتراپىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى بۇ نۇقتىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. رۇسىيە ئاخبارات ۋە قانۇن قوغداش ئورگانلىرى بۇ قېتىمقى تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ بارلىق تەپسىلاتلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، پىلانلىغۇچى، ياردەم بەرگۈچى ۋە تەشكىللىگۈچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ جازادىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقى ئېنىق.

  12-نۆۋەتلىك خەۋپسىزلىك ئىشلىرى ئالىي ۋەكىللىرى خەلقئارا يىغىنى 4-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 25-كۈنىگىچە سانكت-پېتىربۇرگتا ئېچىلدى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر يەر شارى ۋە رايون مۇقىملىقىغا چېتىلىدىغان ھالقىلىق قارالمىلارنى مۇھاكىمە قىلىدۇ ھەمدە نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي، ئەڭ خەتەرلىك رىقابەتلەرگە قانداق قىلغاندا تېخىمۇ جىددىي، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرغىلى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. رۇسىيە فېدراتسىيەسى خەۋپسىزلىك يىغىنىنىڭ كاتىپى پاترۇشېۋنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىنغا 100 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ