جاۋ لېجى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەتلەشتى

2024.04.26 14:02 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 25-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 9-سانلىق يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى، پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى مەزگىلىدە قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە يىغىن روھىنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى تەشۋىق قىلىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئومۇمىيىتىدىكى مەسئۇلىيەت ئورنىنى توغرا تېپىپ، مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىپ، كەسپىي ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  سۆھبەت يىغىنىدا، ۋەكىللەر ئېنېرگىيە قانۇنى تۈزۈش، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. جاۋ لېجى ئەستايىدىل ئاڭلاپ، كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئالغان، خەلقنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىپ، دۆلەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە قانۇن بويىچە قاتنىشىدۇ. توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن مېڭىسىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ ئۈلگىلىك، باشلامچىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. بۇ يىل مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئەۋزەللىكى ۋە تەرەققىيات نەتىجە-ئۈنۈمىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇشى لازىم.

  جاۋ لېجى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ۋەكىللەرنىڭ دائىمىي كومىتېت خىزمىتىگە قاتنىشىشى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. دائىمىي كومىتېت خىزمىتىگە قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەر ۋە مەخسۇس كومىتېتلار، خىزمەت كومىتېتلىرىنىڭ ۋەكىللەر بىلەن ئالاقىلىشىش خىزمىتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ ئىقتىسادىي خىزمەتنى نازارەت قىلىشقا قاتنىشىشى قاتارلىق خىزمەت مېخانىزمىنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق ئاممىسى بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ھاياتىي كۈچ مەنبەسى ۋە ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىشىنىڭ ئاساسى، ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئاممىنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلق رايى، خەلقنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىنى ئالاقىدار تەكلىپ، تەۋسىيەلەر ۋە قاراپ چىقىش سۆزلىرىدە گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، خىزمەتلەرنى ياخشىلاشنى قانۇن، تۈزۈم قاتلىمىدىن ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  لى خۇڭجۇڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ