مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭ رەڭلىك تاش رەسىم ئىجادىيەتچىسى: تۇرمۇشتىكى گۈزەل مەنزىرىلەرنى تېخىمۇ ستېرېئولاشتۇرىمەن

2024.04.26 14:51 مەنبە: خەلق تورى

  ياغاچ تاختايغا دەسلەپكى نۇسخىنى ئويۇپ، رۇدا «بوياق» قىلىنىپ، ئويۇش ۋە بوياش ماھارىتى قوللىنىلغان، بۇ شىنجاڭدىكى «85-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان» قىز گۈلنۇر ئارغىننىڭ ئۆزگىچە رەسىم سىزىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىجاد قىلغان رەڭلىك تاش رەسىم. گۈلنۇر ئارغىننىڭ رەڭلىك تاش رەسىملىرى يىراقتىن قارىغاندا ماي بوياق رەسىمگە ئوخشايدۇ، يېقىندىن قارىغاندا رۇدىلار نۇرنىڭ يورۇتۇشىدا كۆزنى چاقنىتىدۇ، پېتىنقۇ-كۆپۈنكى رەتلىك كۆرۈنۈشلەر كىشىگە كۈچلۈك كۆرۈش سېزىمى ۋە چەكسىز تەسەۋۋۇر ئاتا قىلىدۇ.

  ئىلىدا ياشاۋاتقان ئۆزبېك قىز بولۇش سۈپىتى بىلەن يۇرتىنىڭ تاغ-دەريا مەنزىرىسى، مىللىي ئۆرپ-ئادەت مەدەنىيىتى، ئەسلىمىسىدىكى كونا ئىمارەتلەر ھەمدە تۇرمۇشتىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار گۈلنۇرنىڭ ئىجادىيەت ئامىلىغا ئايلاندى.

  دەسلەپتە، گۈلنۇر رەڭلىك تاش رەسىملىرىنىڭ ھەممىسىگە رۇدا پاراشوكى ئىشلەتكەن، مەيلى ئىمارەتلەرنىڭ گۈل نۇسخىلىرى بولسۇن ياكى دەرەخ يوپۇرماقلىرىنىڭ گۈل نۇسخىلىرى بولسۇن، ھەممىسى قولدا ئويۇپ ياسالغان، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە، گۈلنۇر يۈرەكلىك ھالدا پۈتۈن ياغاچ، تاش، كۆن-خۇرۇم قاتارلىق ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ، رەڭلىك تاش رەسىملەرنى تېخىمۇ سىترولۇق ۋە ئەينەن ئىجاد قىلغان.

  گەرچە گۈلنۇرنىڭ رەڭلىك تاش رەسىملىرى ئۆزگىچە سېھرىي كۈچكە ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ماتېرىيال سۈپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئېغىر بولۇپ، ئېلىپ يۈرۈشكە ئەپسىز. شۇڭا گۈلنۇر 2022-يىلىدىن باشلاپ يېڭى بۆسۈش ئېغىزى ئىزدەشكە باشلىدى، ئۈزلۈكسىز سىناق قىلىش ئارقىلىق، ئاخىرىدا ئۇ ئىلىنىڭ ئۆزگىچە قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى بولغان «كۆك دېرىزە» دىن ئىلھام ئېلىپ، بىر تۈركۈم كىچىك ھەم سەرخىل مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ياراتتى.بۈگۈنكى كۈندە، گۈلنۇر ئارغىن ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش ئارقىلىق ماي بوياق رەسىم، سۇ بۇياق، ھەيكەلتىراشلىق، قول ھۈنەر ماھارىتى قاتارلىق ھۈنەرلەرنى ئۆزىنىڭ رەڭلىك تاش رەسىملىرىگە سىڭدۈرۈپ، ئاندىن جۇڭگوچە رەسىمنىڭ نەپىس رەسىم سىزىش ئۇسۇلى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ پېتىنقۇ-كۆپۈنكى رەسىم سىزىش ئۇسۇلىنى بىرلەشتۈرۈپ، رەڭلىك تاش رەسىمگە ئۆزگىچە رېئال پۇراق قوشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ