مۇھىم خەۋەرلەر

ئىككى تارماق يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىكى يەرلەرنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجى سىياسىتىنى ئايدىڭلاشتۇردى

2024.04.26 23:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 25-كۈنى مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى، كەنت ئاھالىلىرى گۇرۇپپىسى يېزىلاردىكى كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، دۆلەت زېمىنىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى، يەر ئۈستىدىكى ئىمارەتلەر ۋە چاپلانغان بۇيۇملارنى يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادى تەشكىلاتلىرىنىڭ نامىغا يۆتكىگەن، ئۆزگەرتكەندە، يەر قوشۇلما قىممەت بېجى ۋاقتىنچە ئېلىنمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ