مۇھىم خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ئاتالمىش جۇڭگونىڭ «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش» نەزەرىيەسى قورۇقچىلىقنى باھانە بىلەن تەمىنلەشتىن باشقا نەرسە ئەمەس

2024.04.26 23:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا بىر قىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگونى «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كەتتى» دەپ كۆپ قېتىم ئەيىبلىگەنلىكى توغرىسىدا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 4-ئاينىڭ 24-كۈنى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇنداق كۆپتۈرۈشنىڭ قىلچە ئاساسى يوق، جۇڭگو قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ئاتالمىش جۇڭگونىڭ «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش» نەزەرىيەسى ئامېرىكىنىڭ قورۇقچىلىقنى باھانە بىلەن تەمىنلىشى، دەپ كۆرسەتتى.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئارتۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئەمەس بەلكى يېشىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە جىددىي ئېھتىياجلىق ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى. جۇڭگونىڭ يېشىل تېخنىكىسى، يېشىل مەھسۇلاتلىرى بولۇپمۇ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئېنېرگىيە كىرىزىسىنى پەسەيتىش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئېھتىياجىغا ماسلاشقانلىقتىن، يەر شارىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپىنى ئۆزگەرتىشكە مۇھىم تۆھپە قوشىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى تولۇقلىما بېرىش نەتىجىسى ئەمەس بەلكى ئىقتىسادىي قانۇنىيەت ۋە بازار پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن. جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىر قەدەر كۈچلۈك رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولۇشىدىكى سەۋەب ئاساسلىقى ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بالدۇر بولغاچقا، ئۇزاق مۇددەتلىك تەتقىقات سېلىنمىسى ئارقىلىق ئىلغار تېخنىكا ئۈستۈنلىكىنى شەكىللەندۈرگەنلىكتىن، شۇنداقلا دۆلەت ئىچىدىكى كۈچلۈك كەسىپ يۈرۈشلەشكەن ئىقتىدارى، دەرىجىدىن تاشقىرى كەڭ كۆلەملىك بازار، مول ئادەم كۈچى بايلىقى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، ئۇنىۋېرسال رىقابەت ئۈستۈنلىكىنى شەكىللەندۈرگەن.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىگە «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش» دېگەن قالپاقنى كىرگۈزۈش قورۇقچىلىقنىڭ ئىپادىسى. جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل ئېكىسپورت مىقدارىنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىدىكى نىسبىتى گېرمانىيە، ياپونىيە، كورىيە قاتارلىق ئاساسلىق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىدىغان دۆلەتلەردىن خېلىلا تۆۋەن، ئېكىسپورت باھاسىمۇ بازار قانۇنىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، تۆكمە قىلىپ سېتىش مەسىلىسى قەتئىي مەۋجۇت ئەمەس.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئاتالمىش جۇڭگونىڭ «ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئېشىپ كېتىش» نەزەرىيەسى پەقەت قورۇقچىلىقنى باھانە بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگونىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئېكىسپورتىنى چەكلەپ، كۆپ تەرەپ ئۇتتۇرۇش ۋەزىيىتىنى پەيدا قىلىدۇ.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئادىل رىقابەتتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ مەنپەئەتلىنىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئېچىۋېتىلگەن پوزىتسىيەدە بولۇپ، بازار ئىگىلىكى پىرىنسىپى ۋە خەلقئارا ئىقتىساد-سودا قائىدىسىگە ھەقىقىي رىئايە قىلىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئادىل، ئاشكارا، ئېچىۋېتىلگەن، كەمسىتمەيدىغان سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ