مۇھىم خەۋەرلەر

بۇنداق مىكرو قىسقا تىياتىرلار سۇپىلاردىن چۈشۈرۈلدى!

2024.04.26 23:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئائىلە زىددىيىتىنى چەكسىز كېڭەيتىۋېتىدىغان مىكرو قىسقا تىياتىرلار ھېكايە خاراكتېرلىكى، توقۇنۇشچانلىقى كۈچلۈك بولغانلىقتىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ خىل تېمىدىكى مىكرو تىياتىرلارنىڭ كۆپىنچىسى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان كونا ئوبراز ۋە غەلىتە ئېتىكا مۇناسىۋىتى ئارقىلىق ئەر-خوتۇنلار زىددىيىتى، قېيىنئانا-كېلىن زىددىيىتى، ئەۋلادلار ئارا زىددىيەتنى قەستەن كېڭەيتىۋەتتى ۋە مۇبالىغىلەشتۈردى. بۇ ھادىسىگە قارىتا، دوۋيىن، كۇەيشوۋ سۇپىلىرى يېقىندا «قېيىنئانا-كېلىن ئۇرۇشى»نى قەستەن پەيدا قىلىپ، ئەسەبىي كەيپىياتنى قۇترىتىدىغان ئالاقىدار بەلگىلىمىگە خىلاپ مىكرو تىياتىرلارنى توردىن چۈشۈردى.

  دوۋيىن تەرەپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، يېقىندا قىسمەن قىسقا تىياتىرلاردا ساغلام بولمىغان ۋە ئاساسلىق ئېقىمدا بولمىغان ئائىلە قارىشى، توي قارىشىنى تەشۋىق قىلىدىغان، ئەر-خوتۇن، قېيىنئانا-كېلىن زىددىيىتى قاتارلىقلارنى قەستەن كېڭەيتىپ ۋە زىددىيەتلەشتۈرىدىغان مەزمۇنلار بايقالغانلىقىنى، سۇپىنىڭ «ئېرىم ئانىسىنىڭ گېپىدىن چىقمايدىغان ئەر»، «ئاخىرقى چەك»، «باي خانقىزنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمى»، «ھامىلىدار بولۇپ قالغان ئايال»، «مېنىڭ تۆۋەن چېكىم»، «ئاپامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى» قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ ئالتە قىسقا تىياتىرنى سۇپىدىن چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

  كۇەيشوۋ سۇپىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، چارلاش جەريانىدا ئابونتلارنىڭ ساغلام بولمىغان ۋە ئاساسلىق ئېقىمدا بولمىغان ئائىلە قارىشى، توي-مۇھەببەت قارىشىنى تەشۋىق قىلىدىغان مىكرو تىياتىر مەزمۇنلىرىنى ئېلان قىلغانلىقىنى، بۇ مەزمۇنلارنىڭ ئەر-خوتۇن زىددىيىتى، قېيىنئانا-كېلىن زىددىيىتى، ئەۋلادلار ئارا زىددىيەتلەرنى قەستەن كېڭەيتىپ ۋە قۇترىتىپ، قېيىنئانىلارنىڭ ئوبرازىنى بىر تەرەپلىمە سەتلەشتۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق قىممەت يۆنىلىشىدىن چەتنەپ كەتكەنلىكىنى، كۇەيشوۋ سۇپىسىنىڭ قائىدىسىگە ئاساسەن «قېيىنئانامنىڭ ئىت ئۇۋىسى»، «ھامىلىدار بولۇپ قالغان ئايال»، «تاقىر باشلىق ئايالنىڭ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىشى»، «يىراققا ياتلىق بولۇش ۋە قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىش» قاتارلىق بەلگىلىمىگە خىلاپ بىر تۈركۈم مىكرو تىياتىرلارنى توردىن چۈشۈرۈپ، ئالاقىدار مەزمۇنلاردىن 738نى تازىلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  جۇڭگو تور ئۈن-سىن جەمئىيىتى تور ئۈن-سىن سۇپىلىرى، ئىشلىگۈچى تەرەپ ۋە قويغۇچى تەرەپلەرنى دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، ناچار مەزمۇنلارغا ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ ۋە توسۇپ، ساغلام بولمىغان ۋە غەيرى ئائىلە قارىشى، توي-مۇھەببەت قارىشىنى تەشۋىق قىلىدىغان مىكرو تىياتىرلارغا زەربە بېرىش سالمىقىنى كۈچەيتىپ، ئاكتىپ ئېنېرگىيەنى پائال تارقىتىپ، سوتسىيالىستىك ئائىلە مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشكە مۇراجىئەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كەڭ تور ئەھلىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ مەزمۇنلارنى پائال پاش قىلىپ، تور ئۈن-سىن بازىرىنىڭ ساغلاملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئورتاق قوغداشقا مۇراجىئەت قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ