مۇھىم خەۋەرلەر

ئەيىبلەشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ھەققانىيەتنى كۆرگىلى بولىدىغان شەكىلدە ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ

2024.04.26 23:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشىچە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈشى ئارقىلىق خەندەندىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ قەستكە ئۇچراش دىلوسىدىكى ئۈچ جىنايەت گۇماندارىنى ئەيىبلەشنى تەستىقلاشنى قارار قىلغان.

  2021-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى (11)»دا، جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنىڭ يېشى قىسمەن تەڭشەلدى ھەمدە 12ياشقا توشقان، 14ياشقا توشمىغانلار قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش، قەستەن زەخمىلەندۈرۈش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن، ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ياكى ئالاھىدە رەھىمسىز ۋاسىتىلەر بىلەن باشقىلارنى زەخمىلەندۈرۈپ ئېغىر مېيىپ بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، قىلمىشى ناچار بولغان بولسا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبلەشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەندى.

  زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىدىن گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ پاش قىلىشىغىچە، ئاندىن يەنە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگىچە ئۆتكەن بىر ئايدا، كىشىلەر خەندەندىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ قەستكە ئۇچرىغانلىق دېلوسىدىن قاتتىق غەزەپلەندى، گۇمانلاندى، تەشۋىشلەندى. ھازىر نۇرغۇن دېلو سادىر قىلىش تەپسىلاتلىرى بايقالدى، ئىسپات زەنجىرى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، بۇ قەستەن، رەھىمسىزلەرچە قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ئالدىدا، «قاتىلنى قاتتىق جازالاش» جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەكتەپتە بوزەك قىلىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايەت ئۆتكۈزۈش كۈنسېرى كۆپەيدى، ناچارلىق دەرىجىسى بارغانسېرى ئاشتى ھەمدە يېشى تۆۋەنلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلدى. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ساۋاقدىشىنى گەندە يېيىشكە مەجبۇرلىشى قاتارلىق كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان «خەۋەر»لەر ئاممىنىڭ تونۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىگە جەڭ ئېلان قىلدى.

  بىراق، جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقى يېشىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈرۈشلەشكەن باشقۇرۇش تەدبىرلىرى مۇكەممەل بولمىغاچقا، بەزى قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايەت ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، جىنايى ئىشلار جازاسىغا ئۇچرىمايلا قالماستىن، ھەتتا كۈندىلىك ئۆگىنىش، تۇرمۇشى دېلو يۈز بېرىشتىن بۇرۇنقى بىلەن پەرقسىز بولدى، پەقەت «ئاگاھلاندۇرۇلۇپ»، «تەربىيە بېرىلگەن»دىن كېيىن ئەركىن يايراپ يۈرۈپ، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئازاب قالدۇردى.

  بۇ بەزى «كىچىك ئالۋاستى»لارنى قورقۇمسىز قىلىپ قويدى، ئۇلارنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋاسىتىسى بارغانسېرى رەھىمسىز بولۇپلا قالماي، ئىشتىن كېيىن قىلچە پۇشايمان قىلمىدى، بەزىلىرى ھەتتا جىنايى ئىشلار مەسئۇلىيىتى يېشىدىن بۇرۇن «ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ» دىلو سادىر قىلىشنى ئويلاپ، قانۇن ۋە ھاياتقا قىلچە ھۆرمەت قىلمايدىغان بولدى.

  بۇنىڭغا قارىتا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى «كەڭ قورساقلىق قىلىش، مەيلىگە قويۇۋەتمەسلىك»، بولۇپمۇ «سۇبيېكتىپ ناچارلىقى كۈچلۈك، ۋاسىتىسى قەبىھ، قايتا-قايتا تەربىيە بەرسىمۇ ئۆزگەرمەيدىغانلار»نى «قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاش»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

  بۇ قېتىمقى ۋەقەدە، دېلوغا چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ھەممىسى 12 ياشقا توشقان، 14ياشقا توشمىغان قۇرامىغا يەتمىگەنلەر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىنتايىن قەبىھ جىنايەت ئۆتكۈزۈش» تىپىك دېلوسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ قېتىم ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ جىنايى ئىشلار جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى قارار قىلىشى قانۇن يۈرگۈزۈش ھەققانىيلىقىنىڭ بىر قېتىملىق ناماياندىسى بولۇپلا قالماي، بۇنىڭدىن كېيىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەكتەپتە زوراۋانلىق قىلىش، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋەقەلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئۈلگە ۋە پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدى.

  ئادىللىق كىشىلەر قەلبىدە، ھەققانىيەت كەلمەي قالمايدۇ. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىگە قارىتا، ھەم ئالدىنى ئېلىش ھەم زەربە بېرىش كېرەك. قانۇننىڭ جېنى ئۇنى يولغا قويۇشتا، بولۇشقا تېگىشلىك جازالاش، تۈزەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا تەسەللىي بېرىپلا قالماي، كەلگۈسىدە «كىچىك ئالۋاستى»لارغا ئايلىنىدىغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش قوڭغىرىقى چېلىپ، تېخىمۇ كۆپ مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ يەنە يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ