مۇھىم خەۋەرلەر

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش نوپۇس-بايلىق-مۇھىت كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، شەنشى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، رەئىسى خەن يۇڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن پارتىيەدىن قوغلاندى

2024.04.26 23:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش نوپۇس-بايلىق-مۇھىت كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىرى، شەنشى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەش پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق شۇجىسى، رەئىسى خەن يۇڭنىڭ ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، خەن يۇڭ غايە-ئېتىقادىنى يوقىتىپ، ئەسلى مەقسەت، بۇرچىدىن چەتنەپ كەتكەن، سىياسىي ئېڭى سۇسلىشىپ، مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشقا، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان، سىياسىي ئالدامچىلار بىلەن دوست بولغان، سىياسىي ھايانكەشلىك قىلغان؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلار ئورۇنلاشتۇرغان زىياپەت ۋە ساياھەت پائالىيىتىنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا قوبۇل قىلغان؛ تەشكىلىي پىرىنسىپقا خىلاپلىق قىلىپ، ئۆز يېقىنلىرىنىلا ئىشقا قويغان، ئەمەل-مەنسەپ ساتقان؛ پاك-دىيانەتلىك بولۇش تۆۋەن چېكىنى يوقىتىپ، بەلگىلىمىگە خىلاپ سوۋغات، سوۋغات پۇلى قۇبۇل قىلغان، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا تۆۋەن باھادا ئۆي سېتىۋالغان؛ ئىنتىزام ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىش پائالىيىتىگە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئارىلاشقان ۋە قول تىققان؛ ئائىلە ئىستىلى ناتوغرا بولغان؛ ئاممىۋى ھوقۇقنى شەخسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىدىغان قورال قىلىپ، ھوقۇق-پۇل سودىسى قىلىپ، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ كارخانا تىجارىتى، كادىرلارنى تەيىنلەش، قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، زور مىقداردىكى مال-مۈلۈكنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان.

  خەن يۇڭ پارتىيەنىڭ سىياسى ئىنتىزامى، تەشكىلى ئىنتىزامى، پاكلىق ئىنتىزامى، خىزمەت ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ۋەزىپىگە چېتىشلىق قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغان ھەمدە پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىلغان ھەمدە پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنمۇ نەپسىنى يىغمىغان، قولىنى تارتمىغان، خاراكتېرى ئېغىر، تەسىرى ناچار بولغاچقا، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام چارىسى نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رېۋىزىيە قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىگە چارە كۆرۈش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىنىڭ تەتقىق قىلىشى ۋە ج ك پ مەركىزى كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، خەن يۇڭغا پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىش جازاسى بېرىش، بەھرىمەن بولىدىغان تەمىناتنى بەلگىلىمە بويىچە ئەمەلدىن قالدۇرۇش، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى يىغىۋېلىش، ئۇنى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىش، چېتىشلىق مال-مۈلۈكنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈپ بېرىش قارار قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ