مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ شياۋخۇڭ مەملىكەتلىك گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ سىنلىق يىغىنىدا، تېخىمۇ يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپ، ئامانلىق ساقلاش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەمدە چىڭ تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

2024.04.26 23:01 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، گۇڭئەن مىنىستىرى ۋاڭ شياۋخۇڭ 4-ئاينىڭ 22-كۈنى مەملىكەتلىك گۇڭئەن ئورگانلىرىنىڭ سىنلىق يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى ئامانلىق ساقلاش، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەمدە چىڭ تۇتۇپ، «1-ماي» قاتارلىق مۇھىم بايراملىق جەمئىيەت ئامانلىقىنىڭ بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ سىياسىي بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن پارتىيە ۋە خەلققە رازى بولغۇدەك جاۋاب بېرىش كېرەك.

  ۋاڭ شياۋخۇڭ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەشكىلى رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ھەمكارلىشىپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىش كېرەك. «كەسپىي+مېخانىزم+ چوڭ سانلىق مەلۇمات» يېڭىچە ساقچى ئىشلىرىنىڭ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى سۈپەتلىك گۇڭئەن جەڭگىۋارلىقىنى تېز شەكىللەندۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈش كېرەك. تۈرلۈك ھالقىلىق تەدبىرلەرنى ئاخىرغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جايىدا چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي بىخەتەرلىكنى قەتئىي قوغداش كېرەك. يۇقىرى بېسىمدا قاتتىق زەربە بېرىپ، ئومۇمىي ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىشنى كۈچەيتىپ، بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ئاممىۋى بىخەتەرلىكنى ئىنچىكە قوغداش كېرەك. ئاساسنى مۇستەھكەملەشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇر، ئىنچىكە تۇتۇپ، ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، قانۇن ئىجرا قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. قوشۇننى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ساقچى ئىشلىرىنى سىياسىي قۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاپ، قوشۇننىڭ ياخشى ھالەتنى ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ