مۇھىم خەۋەرلەر

سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ياۋروپادىكى ئىشخانىسىنى تۇيۇقسىز تەكشۈرگەنلىكىگە ئىنكاس قايتۇردى

2024.04.26 15:03 مەنبە: خەلق تورى

  سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى سودا قۇتقۇزۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ياۋروپادىكى ئىشخانىسىنى تۇيۇقسىز تەكشۈرگەنلىكى ھەققىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا تەرەپنى خاتا ئۇسۇللارنى دەرھال توختىتىش ۋە تۈزىتىشكە، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ياۋروپادا مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىشى ئۈچۈن ئوچۇق، ئادىل، ھەققانىي، كەمسىتمەيدىغان مۇھىت يارىتىپ بېرىشكە دەۋەت قىلىمىز.

  جۇڭگو تەرەپ شۇنىڭغا دىققەت قىلدىكى، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى 4 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى ياۋروپادىكى جۇڭگو مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىش ئورنىنى تۇيۇقسىز تەكشۈرۈپ، ئاتالمىش كارخانىلار چەت ئەلنىڭ تولۇقلىمىسىنى قوبۇل قىلغان، دېگەننى باھانە قىلدى. بۇ، 2024-يىل 2-ئايدىن بۇيان ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ ئارقا-ئارقىدىن يولغا قويغان 5-قېتىملىق تولۇقلىما تەكشۈرۈشى بولۇپ، ھەممىسى جۇڭگو كارخانىلىرىغا قارىتىلغان تۇنجى قېتىملىق نەق مەيداندا ئاختۇرۇش. جۇڭگونىڭ كەسپىي ساھەسىدىكىلەر بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھەيران قالدى، كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى.

  جۇڭگو تەرەپ مۇنداق قارىدى: ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلماي، دېلو تۇرغۇزۇش ئۇقتۇرۇشى چىقارماي، كارخانىلارنىڭ نورمال ئىش بېجىرىش ئورنىغا بىۋاسىتە تۇيۇقسىز كىرىپ ئاختۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئۈسكۈنىلىرىنى تۇتۇپ قېلىپ، يوللۇق تەرتىپ پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىپ، نورمال بازار ئادىل رىقابەت تەرتىپىگە كاشىلا قىلدى، بارلىق چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ ياۋروپادىكى تىجارەت ئىشەنچىسىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزدى، بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تىجارەت-سودا مۇھىتىنىڭ يەنىمۇ ناچارلىشىشىنى گەۋدىلەندۈردى ھەم ياۋروپادا تىجارەت قىلىۋاتقان بارلىق چەت ئەل كارخانىلىرىغا ئىنتايىن سەلبىي سىگنال بەردى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا كەسكىن كۆڭۈل بۆلىدۇ ۋە كۈچلۈك قارشى تۇرىدۇ.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ يېقىندا ئېلىپ بارغان بىر قاتار ئالاقىدار تەكشۈرۈشلەردە نىشان يۆنىلىشى ئېنىق بولۇپ، قائىدە، تەرتىپتىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، تەكشۈرۈشنى قوراللاشتۇرۇۋالدى، بۇ ئاتالمىش ئادىل رىقابەتلىشىش نامى بىلەن ئادىل رىقابەتلىشىش مۇھىتىنى بۇرمىلىغان قورۇقچىلىق قىلمىشى. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا تەرەپنى خاتا ئۇسۇلىنى دەرھال توختىتىپ ۋە تۈزىتىپ، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ياۋروپادا مەبلەغ سېلىپ تىجارەت قىلىشى ئۈچۈن ئوچۇق، ئادىل، ھەققانىي، كەمسىتمەيدىغان مۇھىت ھازىرلاپ بېرىشكە دەۋەت قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا تەرەپنىڭ كېيىنكى يۈزلىنىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىدۇ ھەم بارلىق زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ھەققانىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ