مۇھىم خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى تىل بىرىكتۈرۈشنى كۈچەيتىشى ھامان ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىق بولىدۇ

2024.04.26 15:02 مەنبە: خەلق تورى

  4-ئاينىڭ 24-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسىنىڭ ئاۋاز بېرىپ ماقۇللىغانلىقى توغرىسىدىكى تاشقى ياردەم قانۇن لايىھەسىدىكى تەيۋەنگە چېتىشلىق مەزمۇنلار توغرىسىدا سوئال سورىدى.

  باياناتچى ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى تىل بىرىكتۈرۈشنى كۈچەيتىشى تەيۋەنگە بىخەتەرلىك ئېلىپ كەلمەيدۇ، شۇنداقلا «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نىڭ جەزمەن مەغلۇپ بولۇش تەقدىرىنى قۇتقۇزۇۋالالمايدۇ، پەقەت تەيۋەن بوغۇزىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتى ۋە توقۇنۇش، قارشىلىشىش خەۋپ-خەتىرىنى كۆتۈرۈۋېتىدۇ، ئاخىرىدا ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىق بولىدۇ. ئامېرىكا تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو-ئامېرىكا ئۈچ قوشما ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئامېرىكا رەھبىرى ئوتتۇرىغا قويغان «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»نى قوللىماسلىق ۋەدىسىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەيۋەننى قوراللاندۇرۇشنى، تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرىدىغان يېڭى ئامىللارنى پەيدا قىلىشنى، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا خەۋپ يەتكۈزۈشنى توختىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئالاقىدار قانۇن لايىھەسىنىڭ يۈزلىنىشىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، قەتئىي، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى خەۋپسىزلىكى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ