مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى! « ئاجرىشىشنى سوغۇققانلىق بىلەن ئويلىنىش مەزگىلىدە خوتۇنىنى ئۆلتۈرۈش دېلوسى»غا بىرىنچى سوتتا ھۆكۈم چىقىرىلدى

2024.04.26 14:59 مەنبە: خەلق تورى

  گۇاڭجوۋ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى ئاشكارا چىقارغان ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: 2024-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى گۇاڭجوۋ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكار جاۋ ليۇچاۋنىڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا قانۇن بويىچە 1-سوتتا ئاشكارا ھۆكۈم ئېلان قىلىپ، جاۋ ليۇچاۋغا قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلدى.

  سوت مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشىچە، جاۋابكار جاۋ ليۇچاۋ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى جوۋ xشيا بىلەن 2011-يىلى تىزىملىتىپ توي قىلغان، 2023-يىل 7-ئاينىڭ 7-كۈنى ھېسسىيات جەھەتتە كېلىشەلمەسلىك سەۋەبىدىن خېنەن ئۆلكىسى پىڭيۈ ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسى ئۆيلىنىشنى تىزىملاش ئورنىغا كېلىشىم بىلەن ئاجرىشىشنى ئىلتىماس قىلغان. 2023-يىل 7-ئاينىڭ 30- كۈنى كەچتە، جوۋ xشيانىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى جوۋ xشيا قاتارلىق ئالتە كىشىنىڭ ھەمراھلىقىدا جاۋ ليۇچاۋ بىلەن گۇاڭجوۋ شەھىرىدىكى مەلۇم سانائەت باغچىسىنىڭ ئالدىدا كۆرۈشۈشكە پۈتۈشكەن. جاۋ ليۇچاۋ يېتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇدۇل جۇ xشياغا قاراپ ماڭغان، جوۋ xشيا قاتارلىقلار ئۇنى توسقان، جاۋ ليۇچاۋ يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن خەنجەر بىلەن جوۋ xشيا قاتارلىقلارغا پىچاق تىقىپ، جوۋ xشيانىڭ ئۆلۈشىنى، جوۋ فامىلىلىك قاتارلىق تۆت ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

  سوت مەھكىمىسى «جاۋابكار جاۋ ليۇچاۋ باشقىلارنى قەستەن قانۇنسىز ھالدا ھاياتىدىن مەھرۇم قىلىپ، بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى، بىر ئادەمنىڭ يېنىك يارىلىنىشىنى، ئۈچ ئادەمنىڭ ناھايىتى يېنىك يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئۇنىڭ قىلمىشىدىن قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ. جاۋ ليۇچاۋنىڭ سۇبيېكتىپ قەبىھلىكى چوڭ، جىنايەت ئۆتكۈزۈش ۋاسىتىسى قەبىھ، ئاقىۋىتى ئېغىر، قاتتىق جازالاش كېرەك» دەپ قاراپ، قانۇن بويىچە يۇقىرىقى ھۆكۈمنى چىقاردى.

  بىر قىسىم زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، جاۋابكارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قاتارلىق ئون نەچچە كىشى ھۆكۈمنى سىرتتىن ئاڭلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ