مۇھىم خەۋەرلەر

يېرىم ئەسىردە 150 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھاياتى قۇتقۇزۇپ قېلىندى، بۇ خىزمەتنى پۈتۈن يەر شارى ئورتاق ئىشقا ئاشۇردى!

2024.04.26 14:53 مەنبە: خەلق تورى

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئېلان قىلغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ئۆتكەن 50 يىلدا، يەر شارى ئىممۇنىتېت خىزمىتى جەمئىي 154 مىليون ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغان، بۇنىڭ ئىچىدە 101 مىليونى بوۋاقلار.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئىممۇنىتېتنى كېڭەيتىش پىلانى 1974-يىلى دۇنيا سەھىيە يىغىنىدا تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نىشانى بارلىق بالىلارغا بوغما ياللۇغى، قىزىل، كۆكيۆتەل، يۇلۇن سۇر ماددا ياللۇغى، قاتما كېسەللىكى ۋە چېچەك ۋاكسىنىسى ئەملەش ئىكەن، ئارقىدىن تەدرىجىي ھالدا 14 خىل كېسەللىكنىڭ ۋاكسىنىسىنى ئەملەشكە كېڭەيگەن.

  1974-يىلىدىن بۇيان، بۇ پىلان تەخمىنەن 154 مىليون ئادەمنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى. بۇ پىلاننىڭ نەپ يەتكۈزۈشى بىلەن پۈتۈن يەرشارىدىكى بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى %40 تۆۋەنلىدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئافرىقا رايونىدا %50 تىن كۆپرەك تۆۋەنلىدى.

  تەتقىقاتقا كىرگۈزۈلگەن ۋاكسىنىلار ئىچىدە، قىزىل ۋاكسىنىسىنىڭ بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىشتىكى ئۈنۈمى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئىممۇنىتېتلىق ئەملەش ئارقىلىق قۇتقۇزۇۋېلىنغان ھاياتلىقنىڭ %60 نى ئىگىلەيدۇ. تەتقىقاتتا ئېيتىلىشىچە، بۇ خىل ۋاكسىنا بۇنىڭدىن كېيىن يەنىلا بوۋاقلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى تەن دېسەي بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: ۋاكسىنا تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك كەشپىياتلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئىلگىرى كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ.

  تەن دېسەي مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بەختكە يارىشا ۋاكسىنا بولغاچقا، چېچەك يىلتىزىدىن يوقىتىلدى، بالىلار پارالىچ كېسىلى يوقىلىش ئالدىدا. ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: داۋاملىق تەتقىق قىلىش، مەبلەغ سېلىش ۋە ھەمكارلىشىش، ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىق بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ