مۇھىم خەۋەرلەر

مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى سۈي ماۋخۇنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا بىرىنچى سوت ئېچىلدى

2024.04.26 14:48 مەنبە: خەلق تورى

  2024-يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى، لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت دىن ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى سۈي ماۋخۇنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا بىرىنچى سوت ئېچىپ قاراپ چىقتى.

  شېنياڭ شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى مۇنداق ئەيىبلىدى: 2007-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە، جاۋابكار سۈي ماۋخۇ يۈننەن ئۆلكىلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، لىجياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەردىكى قولايلىق ۋە خىزمەت ھوقۇقى ياكى ئورنىدىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىش، پۇل ئاجرىتىش، كادىرلارنى تەيىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردە مەنپەئەت يەتكۈزگەن. قانۇنسىز قوبۇل قىلغان مال-مۈلۈك جەمئىي 10 مىليون 430 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇلدى. تەپتىش ئورگانلىرى پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن سۈي ماۋخۇنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈردى.سوتتا، تەپتىش ئورگىنى ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى، جاۋابكار سۈي ماۋخۇ ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى يۈزلەشتۈرۈلدى، ئاقلىغۇچى -ئەيىبلىگۈچى ئىككى تەرەپ سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تولۇق پىكىر بايان قىلدى، سۈي ماۋخۇ ئاخىرقى پىكرىنى بايان قىلدى ھەمدە جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلىپ، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  سوت ئاخىرىدا، سوت سوتنىڭ توختىتىپ تۇرۇلۇپ، مۇۋاپىق پەيتتە ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئاممىسىدىن بولۇپ 30 دىن ئارتۇق كىشى سوتنى سىرتتىن ئاڭلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ