مۇھىم خەۋەرلەر

تۈركىيە بىلەن مىسىر دەرھال ھەرىكەت قوللىنىپ ئوتتۇرا شەرق كىرىزىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلدى

2024.04.23 13:45 مەنبە: خەلق تورى

  تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فىدان بىلەن مىسىر دىپلوماتىيە مىنىستىرى شۈكرى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى ھەربىي قارشىلىشىش ۋە كىرىزىس يەنىمۇ كېڭىيىپ كېتىشى مۇمكىن، دەرھال ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىش زۆرۈر.

  فىدان بىلەن شۈكرى شۇ كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۇچرىشىپ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى، ئىران بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ قارشىلىشىشى، غەززە رايونىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى ھەمدە ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

  فىدان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش ئىسرائىلىيەنىڭ ئىشغالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەم «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئەگەر «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» دە چىڭ تۇرمىساق، تۈنۈگۈنكى يەمەننىڭ ھۇجۇمى، بۈگۈنكى ئىران-ئىسرائىلىيە قارشىلىشىشى، ئەتە يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ئۇرۇش ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىچكى مالىمانچىلىق خەۋپ-خەتىرى سىجىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ.

  شۈكرى مۇنداق دېدى: پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنىڭ دائىرىسى يامرىشى مۇمكىن، ئىران بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ قارشىلىشىش ۋەزىيىتى كۈچەيدى، مىسىر تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشىنى، توقۇنۇش، بىر-بىرىنى چۈشەنمەسلىك ۋە زوراۋانلىقنى دەرھال توختىتىشىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئىران بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ قارشىلىشىشى خەلقارا جەمئىيەتنىڭ غەززە رايونىدىكى «ئېچىنىشلىق ۋەزىيەت»كە بولغان دىققىتىنى يۆتكىدى. ئالدى بىلەن چوقۇم ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك، پەلەستىن خەلقى چوقۇم ئېھتىياجلىق بولغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىگە ئېرىشىشى كېرەك. ئىسرائىلىيە دەرھال ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئۈچۈن چېگرادىن ئۆتۈش نۇقتىسىنى ئېچىۋېتىشى كېرەك، ياردەم بېرىشنى توسىدىغان ھەرقانداق قىلمىش خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ