مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭدا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا پېنسىيەگە چىققانلار ئامبولاتورىيەدە داۋالانغاندا ئاتچوت قىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %85 كە تەڭشەلدى

2024.04.18 14:48 مەنبە: خەلق تورى

  ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تور بېكىتىدە يېقىندا «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنىڭ ئامبولاتورىيەدە ئورتاق قۇتقۇزۇش كاپالىتىنى يولغا قويۇش چارىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يولغا قويۇش چارىسى» دېيىلىدۇ) ئېلان قىلىندى. «يولغا قويۇش چارىسى» بويىچە، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان پېنسىيەگە چىققانلار ئامبولاتورىيەدە كېسەل كۆرسىتىپ دورا سېتىۋالغاندا بىرتۇتاش غەملىنىش فوندىدىن چىقىم قىلىش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %85 كە تەڭشىلىدىكەن.

  «يولغا قويۇش چارىسى»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئىشچى-خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشقانلارنىڭ بەلگىلەنگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيەسىدە كېسەلگە دىياگنوز قويۇش، داۋالاش، دورا سېتىۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈلگەن سىياسەت دائىرىسىدىكى داۋالىنىش خىراجىتىنىڭ بىر قېتىمدا بەلگىلىك چەكتىن ئېشىپ كەتكەن قىسمى ئادەتتىكى ئامبولاتورىيەنىڭ يىللىق چېكى ئىچىدە بىرتۇتاش غەملىنىش فوندىدىن نىسبەت بويىچە چىقىم قىلىنىدۇ. ھەرقايسى بىرتۇتاش غەملىنىدىغان رايونلار ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ كونكرېت ئۆلچەمنى بېكىتىدۇ.

  ئادەتتىكى ئامبولاتورىيەنىڭ 1-، 2-، 3-دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا بىرتۇتاش غەملىنىش فوندىدىن چىقىم قىلىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %80، %70، %60 بولىدۇ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان پېنسىيەگە چىققانلارغا داۋاملىق 5 پىرسەنت پوئېنت بويىچە مايىللاشتۇرۇلىدۇ. دەرىجىسى بېكىتىلمىگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىرىنچى دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىدۇ.بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى بويىچە ئامبولاتورىيەدە ئورتاق قۇتقۇزۇش كاپالىتىنى يولغا قويۇش چارىسىنى تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت ئىشخانىسى تارقاتقان [ 2021 ] 115-نومۇرلۇق ئۇقتۇرۇش) قا ئاساسەن، ئادەتتىكى ئامبولاتورىيەدە 1-،2-،3-دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدا بىرتۇتاش غەملىنىش فوندىدىن چىقىم قىلىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %75، %65، %55 بولۇپ، پېنسىيەگە چىققانلارغا 5 پىرسەنت پوئىنتتىن ئارتۇق ئېتىبار بېرىلىدۇ. دەرىجىسى بېكىتىلمىگەن داۋالاش ئاپپاراتلىرى بىرىنچى دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ