مۇھىم خەۋەرلەر

2023-يىللىق «ئاتۇش لوڭقىسى» شىنجاڭ پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى

2023.11.28 23:38 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2023-يىللىق ئاتۇش لوڭقىسى پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى شىنجاڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە مەيدانىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. شۇ كۈنى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە، تۇرپان كوماندىسى نۇقتا توپ مۇسابىقىسى ئارقىلىق ئۈچكە قارشى تۆت نەتىجە بىلەن سانجى كوماندىسىنى يېڭىپ، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە چېمپىيون بولدى. ئاتۇش كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى تالىشىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.

  مۇكاپات تارقىتىش ھالقىسىدا، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى ئالدىنقى ئۈچ ۋەكىللەر كوماندىسى تەنتەربىيە ئەخلاقى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئەڭ ياخشى رېپىر، مۇنەۋۋەر رېپىر، مۇنەۋۋەر تىرېنېر، ئەڭ ياخشى ۋاراتار، ئەڭ ياخشى توپ كىرگۈزگۈچى، ئەڭ ياخشى توپچىمۇ باھالاپ چىقىلدى ھەمدە مۇكاپات بېرىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك شىنجاڭ پۇتبول تەكلىپ مۇسابىقىسى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى رەسمىي باشلانغان بولۇپ، 12 كۈن داۋاملاشقان، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاستلىرىدىن كەلگەن توققۇز كوماندا مۇسابىقىگە قاتناشقان. مۇسابىقە باشلانغاندىن بۇيان، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. يېپىلىش مۇراسىمى كۈنى توردا ۋە تور سىرتىدا كۆرگۈچىلەر 3 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ مەدەت بەردى.

  ئاتۇش كوماندىسىنىڭ توپچىسى ئەيساجان «بەك قالتىس بولدى، 3-لىكنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە مەن بىر توپ كىرگۈزۈپ، ئىككى قېتىم ھۇجۇمغا ياردەملەشتىم. ئاتۇش كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى كۈچلۈك بولدى، رەقىبىمىزمۇ بەك قالتىسكەن» دېدى.

  شىنجاڭدا پۇتبول تەنھەرىكىتى ئادەتتىن تاشقىرى ئالقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ يەردە پۇتبول كەيپىياتى قويۇق، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ بەدەن شارائىتى ياخشى بولغاچقا، پۇتبول تەنھەرىكىتى تەرەققىياتىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقى ھازىرلانغان. ئەزەلدىن «پۇتبول يۇرتى» دېگەن نامى بار ئاتۇش شەھىرىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدا توپ تېپىۋاتقان چوڭلار ۋە بالىلارنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئاتۇش شەھىرى «پۇتبول يۇرتى» ماركىسىنى يەنىمۇ يارىتىپ، پۇتبول ھەرىكىتىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، شۇ جايدىكى ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەنتەربىيە خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى تەنتەربىيە ۋە ماھارەت تەنتەربىيەسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاتۇش شەھىرى بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنى ئۆتكۈزدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ