مۇھىم خەۋەرلەر

مائارىپ مىنىستىرلىقى بالىلارغا بەك بالدۇر زىيادە ئەۋرىشىم مەشىقى قىلدۇرماسلىق كېرەك دەپ ئەسكەرتتى

2023.11.13 14:22 مەنبە: خەلق تورى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى بالىلارغا بەك بالدۇر زىيادە ئەۋرىشىم مەشىقى قىلدۇرماسلىق كېرەك دەپ ئەسكەرتتى.

  مۇخبىرنىڭ 11-ئاينىڭ 11-كۈنى مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ج خ مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئوت مۇداپىئە قۇتقۇزۇش ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەكتەپ سىرتىدا تەربىيەلىنىشتىكى «بىخەتەرلىكنى قوغداش» مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرغان. ئۇسسۇل، تەنتەربىيە قاتارلىق بەدەن مەشىقىنى ئاساس قىلغان، ئاسان زەخىملىنىش خەۋپى كۆرۈلىدىغان تەربىيەلەش پائالىيەتلىرىگە قارىتا، بالىلارغا بەك بالدۇر ئەۋرىشىملىك مەشىقى ئېلىپ بارماسلىقنى ئەسكەرتتى.

  ئەسكەرتىشتە كۆرسىتىلىشىچە، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى ئوخشاش بولمىغان باسقۇچلارغا ئىگە بولۇپ، ئىلمىي مەشىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ، بەك بالدۇر، بەك كۈچلۈك بولغان ئەۋرىشىم مەشىقى بالىلار ئەزالىرىنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولماسلىق، مۇسكۇللىرىنىڭ يېتىلىشى يېتەرسىز بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا، بالىلارنى تەربىيەلەشتە مۇناسىۋەتلىك كەسپىي مۇداپىئە بولۇشى كېرەك، يورۇق يۈزلۈك فارفور خىش ۋە سېمونت يەر قاتارلىق مەيدانلاردا مەشىق قىلىش، تولۇق بەدەن قىزىتماي مەشىق قىلىش، قوغداشسىز ھالەتتە يۇقىرى خەتەرلىك مەشىق قىلىش، چارچىغان ھالەتتە مەشىق قىلىش قاتارلىقلار بالىلارنىڭ يارىلىنىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇڭا ئۇنىڭدىن ساقلىنىش كېرەك.

  ئەسكەرتىشتە كۆرسىتىلىشىچە، بالىلاردا ئۆسۈپ يېتىلىش پەرقى مەۋجۇت بولۇپ، سىرتقى كۈچ تەسىرىگە ئۇچراش، بېسىش، سوزۇش قاتارلىق بوغۇم، ئومۇرتقا، تارىمۇش مەشىقى زىيادە ئېلىپ بېرىلسا، سۆڭەكنىڭ ئورنى ئالمىشىپ شەكلى ئۆزگىرىپ كېتىش، بوغۇملار ئاغرىش قاتارلىقلار يۈز بېرىشى مۇمكىن، ئېغىر بولغاندا سۆڭەكنىڭ ئۆسۈشى ۋە يېتىلىشىگە تەسىر يېتىدۇ. بەدەننى بوشلۇققا كۆتۈرۈپ ئۆرۈش، بەلنى ئېگىش، پۇتنى قايرىش، ئىككى پۇتنى كېرىپ قايرىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى مەشىق قىلىشتا سىستېمىلاشقان كەسپىي مەشىق ئاساسى بولۇشى ھەمدە كەسپىي خادىملارنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە چوڭلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، بۇ يېڭى ئۆگەنگۈچىلەر ۋە كەسپىي بولمىغان كىشىلەرگە ماس كەلمەيدۇ. مۇتەخەسسىسلەر 10 ياشقا توشمىغان بالىلارغا «بەلنىڭ تۆۋەن قىسمى» قاتارلىق ئومۇرتقا، بەل قىسمىنى چېنىقتۇرۇشتا ئېھتىياتچان بولۇپ، زەخىملىنىشتىن ساقلىنىش تەكلىپىنى بەردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ